چاۋۇشئوغلۇ: «تۈرك دۇنياسى ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ بەك ھېس قىلماقتا»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىستانبۇلدا جۇمھۇر رەئىسلىك دولماباھچە خىزمەت ئىشخانىسىدا باشلانغان تۈرك كېڭىشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرگە دائىر مۇھىم سۆز قىلدى.

1710964
چاۋۇشئوغلۇ: «تۈرك دۇنياسى ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ بەك ھېس قىلماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستانغا قوشنا، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ بەك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى  بىلدۈرۈپ، تۈرك كېڭىشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئافغانىستان تېمىلىق يىغىنىدا ئورتاق بايانات ئارقىلىق دۇنياغا كۈچلۈك سىگنال بېرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئافغانىستاندىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تۈرك تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جىددىي يىغىنى ئىستانبۇلدا جۇمھۇر رەئىسلىك دولماباھچە خىزمەت ئىشخانىسىدا باشلاندى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ يىغىندا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، بۇ يىغىننىڭ ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلغان 44 كۈنلۈك ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا توغرا كەلگەنلىكى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەزەربەيجانلىق قەھرىمانلىرىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەتەنلىرىمىزنىڭ قوغدىلىشى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان بارلىق شەھىدلىرىمىزنى ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن ئەسلەيمىز» دېدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: «ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك تەسىرى بار. لېكىن تۈرك دۇنياسى ئافغانىستاننىڭ قوشنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن  بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ بەك ھېس قىلماقتا ۋە ھېس قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئافغانىستاندا مىليونلىغان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياشايدىغانلىقىمۇ بىۋاسىتە بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىدۇر» دېدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بۇ يىغىننىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، خەلقئارا سەھنىدە تۈرك كېڭىشىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سالاھىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقىغا دائىر كۈچلۈك سىگنال بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر