بەشىنچى نۆۋەتلىك «ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى» تور مۇھىتىدا چاقىرىلىدۇ

بۇ يىل بەشىنچى يىلىغا قەدەم قويغان «ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى»، 10 – ئاينىڭ 19-، 20 - كۈنلىرى «كۆچۈش ۋە زىددىيەت: 21 – ئەسىردە چوڭ ئىستراتېگىيەنى چۈشىنىش» دېگەن تېما ئاستىدا تور مۇھىتىدا چاقىرىلىدۇ.

1710857
بەشىنچى نۆۋەتلىك «ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى» تور مۇھىتىدا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى  ت ر ت بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىگە چارە ئىزدەش مەقسىتىدە 2017 – يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى ئېچىلىۋاتقان ت ر ت دۇنيا مۇنبىرىنىڭ بۇ يىلمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار، مۇتەپەككۇرلار، سىياسەتچىلەر، مۇتەخەسسىلەر ۋە مېدىيا مەنسۇپلىرىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۆز كەسپىدە دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئىلىم ئەربابلىرى، 16 بۆلۈمدىن تەركىب تاپىدىغان يىغىن جەريانىدا، دۇنيانىڭ يېقىنقى يىللاردا باش كۆتۈرگەن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ئۈستىدە بەس – مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ.

يىغىندا يەنە، دۇنياۋى ئىنسانىي كىرىزىسلار، خەلقئارا خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى، كۆچۈشنىڭ چەك – چېگرالىرى ۋە يەرشارىۋى ئادالەت قاتارلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلەن يېقىندىن ئالاقىسى بولغان تېمىلارمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

بۇ جەرياندا تالىباننىڭ ئافغانىستاننى قولغا كىرگۈزۈشىدىن كېيىن ت ر ت دۇنيا مۇنبىرىگە «تالىباننىڭ قايتىپ كېلىشى: سادىر قىلىنغان خاتالىقلار ۋە ئېلىنىدىغان ساۋاقلار» ناملىق بىر بۆلۈملۈك بىر تېما ئىلاۋە قىلىندى؛ بۇ بۆلۈمدە ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئەتراپلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

5 – نۆۋەتلىك ت ر ت دۇنيا مۇنبىرىگە  https://www.trtworldforum.com/trt-world-forum-2021/ ئادرېسى ئارقىلىق تىزىملاتقىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر