«زەيتۇن شېخى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

سۈرىيەدە «‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1710337
«زەيتۇن شېخى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ دائىرىدە، ئالاھىدە ئەترەتلەرنىڭ، سۈرىيەدە «‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا قورالللىق ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز، ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر