ئامېرىكادىكى تۈرك ئۆيى بىناسىدا كونسۇلخانا خىزمىتى باشلىنىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە ئېچىلغان يېڭى تۈرك ئۆيى بىناسىدا  27 - سېنتەبىردىن ئېتىبارەن تۈركىيە پۇقرالىرىغا قارىتا كونسۇلخانا خىزمىتى باشلىنىدۇ.

1710390
ئامېرىكادىكى تۈرك ئۆيى بىناسىدا كونسۇلخانا خىزمىتى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نىيۇ يورك كونسۇلخانىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «كونسۇلخانا خىزمەتلىرىمىز، 27 – سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن يېڭى تۈرك ئۆيى بىناسىدا باشلىنىدۇ.»

تۈرك ئۆيى بىناسى، 20 – سېنتەبىر كۈنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىنىڭ دەل ئۇدۇلىغا جايلاشقان تۈرك ئۆيى بىناسىدا، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي ۋاكالەتخانىسى، نىيۇ يورك باش كونسۇلخانىسى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋاكالەتخانىسى ئورۇن ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر