ئەردوغان: تۈركىيە ئېنېرگىيە ساھەسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سىجىل ئېنېرگىيە ۋە ئېنېرگىيە ئۈنۈمى جەھەتتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1710363
ئەردوغان: تۈركىيە ئېنېرگىيە ساھەسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئېنېرگىيە دىيالوگى يىغىنى» غا يوللىغان سىنلىق تېلېگراممىسىدا، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە  كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم خىرىسلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، دۇنيانىڭ ئەڭ يىراقتىكى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنىڭمۇ، كىلىمات كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەبىئىي ئاپەتلەر، ساغلاملىق مەسىلىلىرى، ئىقتىسادىي ۋە ئاممىۋى خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن بۇ خىرىسلارنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئارقىغا چېكىنمەسلىكىمىز، مەسئۇلىيەتنى ئادالەت ئاساسىدا ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، بۇ نۇقتىدا، ئەڭ زور تۆھپىنى ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ قوشىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان، بۇ يەردىكى فورمۇلامۇ ناھايىتى ئېنىقتۇر؛ ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئىشلىتىشنى ئازايتىش كېرەك، سىجىل ھەم پاكىز ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش لازىم.»

تۈركىيەنىڭ سىجىل ئېنېرگىيە ۋە ۋە ئېنېرگىيە ئۈنۈمى جەھەتتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرى  جەھەتتە ياۋروپا بويىچە، 5 -، دۇنيا بويىچە 12 ئورۇندا تۇرىمىز،  ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىمىز% 53 نى تەشكىل قىلىدۇ»

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىلىمات كرىزىسىگە قارشى كۈرەش ۋە پاكىز ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر