تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى داللاسقا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ داللاس شەھىرىگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

1710399
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى داللاسقا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئۇچىدىغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، تۈنۈگۈن تۇنجى قېتىم  داللاسقا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئۇچۇش نۇقتىلىرىنىڭ سانىنى 11 گە يەتكۈزگەن.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، يېڭى ئەۋلاد «Boeing 787-9 Dreamliner»  تىپلىق ئايروپىلانلىرى بىلەن،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىغا قاراشلىق 4-چوڭ شەھىرى بولغان داللاسقا، دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى بولۇپ ھەپتىدە تۆت قېتىم ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر