ئەردوغان: ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز كۈتۈلگەن سەۋىيەدە ئەمەس

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن (بىز) ئىككى ناتو دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھازىرقىدىن خېلىلا پەرقلىق نۇقتىدا بولۇشىمىز كېرەك» دېدى.

1710198
ئەردوغان: ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز كۈتۈلگەن سەۋىيەدە ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھازىرغىچە مېنىڭ ئارزۇيۇم ۋە ھۆرمەتلىك (ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو) بايدىن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك يەردە ئەمەس. ئىككى ناتو دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز، ھازىرقىدىن خېلىلا پەرقلىق نۇقتىدا بولۇشىمىز كېرەك. كۈتۈلگەن نۇقتىدا بولمىساق، بۇلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ھېچبىرى بىلەن بۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كەلمىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئەردوغان: «ئامېرىكا نۆۋەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا كۈتۈلۈۋاتقىنىدىن قاتمۇقات ئاشۇرۇپ ياردەم بەرمەكتە. قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك بولغان يەردە، ئۇلارغا كۆپ مىقداردا قورال ۋە نەرسە - كېرەكلەرنى بەرمەكتە. ئەھۋال مۇشۇنداقلا بولىدىغان بولسا، بىزنىڭمۇ بۇلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىندىن كۈتىدىغانلىرىنىڭ بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «چۈنكى، سۈرىيە ھاكىمىيىتى — ئەپسۇسكى — دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدا بىزگە نىسبەتەن خەۋپ شەكىللەندۈرمەكتە. بۇ يەردە بىر دوست دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆرمەتلىك پۇتىندىن، تېخىمۇ توغرىسى رۇسىيەدىن ھەمكارلىقىمىزنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا پەرقلىق پوزىتسىيەلەردە بولۇشىنى كۈتمەكتىمەن. بۇ كۈرەشنىمۇ جەنۇبتا بىرلىكتە قىلىشمىز كېرەك. مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا نۆۋەتتە سۈرىيەگە بەك كۆڭۈلشىيدىغاندەك ئەمەس» دېدى.

سۈرىيەدە تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان: «ئەگەر ئۇ يەرنىمۇ تىنچلىق رايونىغا ئايلاندۇرىدىغان بولساق، ئارىمىزدا سۆھبەت ئۆتكۈزىشىمىز شەرت.  بۇ ھەقتە سۆزلىشىمىز. رۇسىيە بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. چۈنكى نىشانىمىز 100 مىليارد دوللارلىق سودا ھەجىمىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر