تۈركىيە رۇسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە رۇسىيەنىڭ خاباروۋسكى رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان قازاسىدا 6 ئۇچقۇچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبلىك رۇسىيەگە تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1709919
تۈركىيە رۇسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، رۇسىيەنىڭ خاباروۋسكى رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان قازاسىدا 6 ئۇچقۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «دوست رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەلقىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىمىز، بۇ ئېچىنىشلىق قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «AN-26» تىپلىق ئايروپىلاننىڭ، خاباروۋسكى ئايرودۇرۇمىدىن 38 كىلومېتىر يىراقلىقتا راداردىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، ئالاقىدار تارماقلارنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، قازادا ئايروپىلاندىكى 6 ئۇچقۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر