تۈركىيە گىرېتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ غەربىي تراكيا رايونىدىكى ئاز سانلىق تۈركلەرگە ئائىت مەكتەپلەردە دىنىي مەجبۇرىيەتلەرگە چەكلىمە قويۇش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1709926
تۈركىيە گىرېتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «گىرېتسىيە دائىرىلىرىنى، غەربىي تراكيا رايونىدىكى ئاز سانلىق تۈركلەرگە ئائىت مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى چەكلەش قارارىدىن ۋاز  كېچىشكە چاقىرىمىز.»

گىرېتسىيەدىكى غەربىي تراكيا رايونلۇق ئاز سانلىق  تۈركلەر كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، غەربىي تراكيا رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن 22 – سېنتەبىر كۈنى، رودوپ ۋىلايىتىدىكى ئاز سانلىق تۈركلەرگە ئائىت مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەن ئۇقتۇرۇشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈمە نامىزىغا بېرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر