«قىبرىس داۋاسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قىبرىس داۋاسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1709977
«قىبرىس داۋاسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى يېڭى تۈرك ئۆيى بىناسىدا تۈرك جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت ھەم خەلقنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلغان تۈرك ئۆيى بىناسىدا، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسى ۋە نىيۇ يورك باش كونسۇلخانىسىدىن سىرت يەنە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋاكالەتخانىسىنىڭمۇ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە تۈرك جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا قاتناشقان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مىللىي داۋامىز بولغان قىبرىس داۋاسىدا قىبرىس تۈركلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاداققىچە چىڭ تۇرىمىز، قىبرىس باسقۇچىدا ئۇدا 54 يىل فېدېراتسىيەلىك تۈزۈم ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق، بىز ھەمىشە ياخشى نىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلدۇق، داۋاملىق ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتتۇق، باسقۇچلارنى ئىزچىل قوللىدۇق، ئەمما قىبرىس تۈركلىرىنى ئاز سانلىق دەپ قارىغان ۋە قىبرىس تۈركلىرى بىلەن ھېچنېمىنى ئورتاقلىشىشنى خالىمىغان رۇم تەرىپى، بارلىق پىلانلارنى، پۈتكۈل تىرىشچانلىقلارنى رەت قىلدى، بىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كرانس مونتانادا شۇنداق دېگەنىدۇق: <بۇنىڭدىن كېيىن فېدېراتسىيەلىك تۈزۈم ھەققىدە  قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزمەيمىز، ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز.> شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بۈگۈن سىلەر بىلەن بىرلىكتە، سىلەرنىڭ رەھبەرلىكىڭلاردا، جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە بىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىستىراتېگىيەلىك نىشان دائىرىسىدە، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىزمۇ سىلەر بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، خۇدايىم بۇيرۇسا، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاداققىچە قوغدايمىز،  بارلىق تەرەپلەرنىڭ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە 1960-يىلدىكى ئاساسىي قانۇندا بېرىلگەن ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش مەجبۇرىيىتى باردۇر، بۇ ھەقتە بىز سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرىڭلارنى  تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق قوللايمىز، بۇ باسقۇچنى بىرلىكتە داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر