جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكانىڭ s-400 ۋە f-35 توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «(ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە) ئىككى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتىكى يۆنىلىشى ياخشىلىقتىن بېشارەت ئەمەس» دېدى.

1709938
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكانىڭ s-400 ۋە f-35 توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 76 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە بايانات ئېلان قىلدى.

«مەن (ئىلگىرىكى پرېزىدېنتلار) ئوغۇل (جورج) بۇش، (باراك) ئوباما، (دونالد) ترامپ بىلەن ياخشى ئىشلىدىم، ئەمما بىز (جو) بايدىن ئەپەندى بىلەن ئىشلارنى ياخشى باشلىدۇق، دېمەيمەن» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا ئىككى دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر- بىرىمىزگە دوستانە مۇئامىلە قىلىشىمىزنى، دۈشمەنلىك قىلماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما ناتوغا ئەزا ئىككى دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نۆۋەتتىكى يۆنىلىش ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«بىز بايدىننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قورال، ئوق - دورا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى بېرىشىنى تاماشا قىلىپ تۇرمايمىز» دېگەن ئەردوغان، يەنە: «بىزگە (رۇسىيەدىن سېتىۋالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى) S-400 مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، F-35 تىپلىق ئايروپىلاننى بەرمەسلىك دېپلوماتىيە ياكى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتىكى سالاھىيەتنى ئاشكارىلايدۇ» دېيىش ئارقىلىق  ئامېرىكانىڭ سەمىمىي ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولىغا كىرگۈزگەن تالىبان مەسىلىسىگە قارىتا: «ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا، ئەپسۇسكى، قۇچاقلىغۇچى ۋە سىغدۇرۇشچان بىر باشقۇرۇش ئاپپاراتى شەكىللەنمىدى» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تالىباننىڭ قولىدىكى قوراللارغا قارىغىنىڭلاردا بۇلار ئامېرىكانىڭ قوراللىرى.  شۇڭا ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر