«بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەۋلادلىرىمىزغا تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا مىراس قالدۇرۇشتۇر»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئەۋلادلىرىمىزغا تېخىمۇ ئادىل، بىخەتەر ياشىيالايدىغان بىر دۇنيا مىراس قالدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىدۇر» دېدى.

1710008
«بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەۋلادلىرىمىزغا تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا مىراس قالدۇرۇشتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېمەك - ئىچمەك سىستېمىسى باشلىقلار يىغىنىغا يوللىغان سىنلىق ئۇچۇرىدا، سىجىل تەرەققىيات پىروگراممىسى دائىرىسىدە، ئاچارچىلىقنى  2030-يىلغىچە تۈگىتىش نىشانىنىڭ بەختكە قارشى رېئاللىقتىن تولىمۇ  يىراق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ئاشلىق ئېھتىياجىنىڭمۇ مۇقەررەر ھالدا كۆپەيگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك كىلىمات ئاپەتلىرى، سۇ كەمچىللىكى ۋە قۇرغاقچىلىق قاتارلىق كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىلىرىنىڭمۇ يېمەك - ئىچمەك مەنبەلىرىگە سەلبىي  تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

يېمەك - ئىچمەك سىستېمىسىنىڭ تەننەرخىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېمەك - ئىچمەك مەنبەلىرىگە ئېرىشىشنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى، يېمەك – ئىچمەك  بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغانلارنىڭ، ئەمدىلىكتە ئىنسانلارنى كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشكە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ ئالدىدا، زۆرۈر خىزمەتلەرنى 2019-يىلىدىن بۇرۇن باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلەتلىك يول خەرىتىمىز، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، يېتەرلىك ۋە بىخەتەر يېمەكلىكلەردىن ھەممىنىڭ مۇۋاپىق باھادا ئېرىشىشىدىن تارتىپ، يېمەك - ئىچمەك زىيىنى ۋە ئىسراپچىلىقنى ئازايتىشقىچە،  يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىدا ئىزچىللىققا كاپالەتلىك قىلىشتىن تارتىپ، جىددىي ئەھۋاللار ۋە كرىزىسقا قارشى يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە مەركەزلەشمەكتە.»

يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ۋە بىخەتەر يېمەك - ئىچمەككە ئېرىشىشنىڭ بىر ئىمتىياز ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەم ئۈچۈن بىر ھەق - ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەۋلادلىرىمىزغا تېخىمۇ ئادىل، بىخەتەر ياشىيالايدىغان بىر دۇنيا مىراس قالدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىدۇر، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ ھەقتە ئىزچىل خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر