ئىبراھىم قالىن بىلەن جېيك سۇللىۋان ئاقسارايدا كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى باش ئەلچى ئىبراھىم قالىن ئاقسارايدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان بىلەن كۆرۈشتى.

1709448
ئىبراھىم قالىن بىلەن جېيك سۇللىۋان ئاقسارايدا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىبراھىم قالىن بىلەن جېيك سۇللىۋاننىڭ ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئافغانىستان، سۈرىيە، لىۋىيە، قىبرىس، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە باشقا رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن ئۇچرىشىشتا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى دۆلەت سودا ھەجىمىنىڭ پىلانلانغان 100 مىليارد دوللارغا يېتىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مېخانىزملارنىڭ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈشى ۋە ئۆزئارا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر زىيارەتلىرىنىڭ قويۇقلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى.

ئافغانىستاندا پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان يېڭى ئىنسانىي كىرىزىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنىڭ كېچىكتۈرۈلمەستىن يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى، ھەمدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئافغانىستانغا ئالاقىدار قويۇق ئالاقىسىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سۆھبەت ۋە مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قەيت قىلىندى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، قاراباغ غەلىبىسىدىن كېيىنكى كاۋكازنىڭ ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنىپ، رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپ يۆنىلىشلىك تىرىشچانلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر