تەسلىم بولغان تېررورچى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئايال تېررورچى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

1709774
تەسلىم بولغان تېررورچى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماردىن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش شۆبىسى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى شۆبىسى ماسلىشىپ ئىشلىگەن قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا، 1999 – يىلىدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك / ك ج ك سېپىدە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئايال تېررورچى 19 – سېنتەبىردە تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىدىن قېچىپ، شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسىگە يېقىن يەردىكى خابۇر چېگرا ئېغىزىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

«قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان تېررورچى، رەسمىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش شۆبىسىدە سىڭلىشى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر