«پۈتكۈل دۇنيا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك»

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن پۈتكۈل دۇنيانىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1709540
«پۈتكۈل دۇنيا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىگە قىلغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نىيۇ يورك زىيارىتى ۋە ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە ئىنگىلىز تىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە لىۋىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن كىرىزىس رايونلىرىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە كۆپ ساندا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان داۋاملىق خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى، كۆچمەنلىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك رەھبەر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئالتۇن،  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا، بولۇپمۇ ئافغانىستاندا مۇقىملىق ئورنىتىشقا ياردەمچى بولۇش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىشقا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

ئەردوغاننىڭ نىيۇ يورك زىيارىتىنىڭ تۈركىيەگە دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان ئالتۇن، پۈتكۈل دۇنيانى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر