چاۋۇشئوغلۇ: روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويمايمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ، تۈركىيەنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1709587
چاۋۇشئوغلۇ: روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن باڭلادېش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە چاقىرىلغان 76- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى دائىرىسىدە ئاراكان (روھىنگا) مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يىغىندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «روھىنگالارنىڭ ئىختىيارى، بىخەتەر، سىجىل شۇنداقلا ئىززەت – ھۆرمىتى ساقلانغان ھالەتتە يۇرتلىرىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىدىكى خىزمەتلەر داۋاملىشىشى كېرەك. بىز ھەرگىزمۇ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز تەقدىرىگە قويمايمىز» دېدى.

ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا ، 2017- يىلى 25- ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاندىن قېچىپ باڭلادېشتا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان 700 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر بار بولۇپ، لاگېرلاردىكى مۇساپىرلارنىڭ يېرىمىنى بالىلار تەشكىل قىلىدىكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلىپ، ئاراكاندا يۈزلىگەن كەنتنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

بېرما ۋە باڭلادېش ھۆكۈمەتلىرىنىڭ روھىنگالارنىڭ زېمىنىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىمى، يۇرت – ماكانىدىن مەھرۇم قىلىنغانلارنىڭ ئەھۋالىنى بېكىتىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرغىچە ئىجرا قىلىنالمىدى.

ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى روھىنگاغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا «مىللىي تازىلاش» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ باھا بەرمەكتە.

خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئاراكان ئۆلكىسىگە كىرىشىنى قاتتىق چەكلىگەن بېرما ھۆكۈمىتى، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى.

باڭلادېشتا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان روھىنگا مۇسۇلمانلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، زۆرۈر بولغان بىخەتەر مۇھىت ھازىرلانماي تۇرۇپ بېرماغا قايتىشنىڭ يېڭى بىر مىللىي تازىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر