ئەردوغان ب د ت قورۇسىدىكى گۆبەكلىتەپە خاتىرە تېشىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزى قورۇسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئانادولۇنىڭ 12 مىڭ يىللىق  بىناكارلىق مىراسى بولغان گۆبەكلىتەپە خاتىرە تېشىنىڭ نۇسخىسىنى زىيارەت قىلدى

1709089
ئەردوغان ب د ت قورۇسىدىكى گۆبەكلىتەپە خاتىرە تېشىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە 2018 – يىلى كىرگۈزۈلگەن،  ئانادولۇنىڭ 12 مىڭ يىللىق  بىناكارلىق مىراسى بولغان گۆبەكلىتەپە خاتىرە تېشىنىڭ نۇسخىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قورۇسىدا كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قورۇسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان گۆبەكلىتەپە خاتىرە تېشىنىڭ نۇسخىسىنى زىيارەت قىلدى.

گۆبەكلىتەپە خاتىرە تېشىنىڭ نۇسخىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قورۇسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئىككىنچى «قەدىمكى دەۋردىكى ئانادولۇ» يادىكارلىقى بولدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، گۆبەكلىتەپەدىكى خاتىرە تاشلىرىنىڭ نۇسخىلىرىغا داۋاملىق ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.

شانلىئۇرفاغا جايلاشقان گۆبەكلىتەپە، بۇنىڭدىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرى بەرپا قىلىنغان، تۇنجى ئولتۇراق رايونى سۈپىتىدە بىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر