ئەردوغان بوزقىر ۋە جونسوننى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەشنىڭ باشلىقى ۋولقان بوزقىر ۋە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننى قوبۇل قىلدى.

1708606
ئەردوغان بوزقىر ۋە جونسوننى قوبۇل قىلدى
erdogan-new york times heyeti.jpg
boris johnson-erdogan.jpg
volkan bozkir-erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، تۈنۈگۈن نىيۇ يورك شەھىرىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈرك ئۆيى بىناسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەشنىڭ باشلىقى ۋولقان بوزقىر بىلەن ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننى ئايرىم - ئايرىم قوبۇل قىلدى.

قوبۇلدا، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ۋە باش مۇدىرى سەردار قاراگۆز قاتارلىقلارمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھەمراھ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر