ئەردوغان: بىزنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تارتقۇزۇپ قويىدىغان بىرمۇ پەرزەنتىمىز يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «مەيلى دائېش، مەيلى پ ك ك، مەيلى فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) بولسۇن، بىزنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تارتقۇزۇپ قويىدىغان بىرمۇ يىگىتىمىز، بىرمۇ پەرزەنتىمىز يوق» دېدى.

1708470
ئەردوغان: بىزنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تارتقۇزۇپ قويىدىغان بىرمۇ پەرزەنتىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نيويوركتىكى يېڭى تۈركئەۋى (تۈرك ئۆيى) بىناسىدا تۇركەن ۋەخپى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى؛ ئۇچرىشىشتا، ئۆزلىرى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ياشلارغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ئالاھىدە سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكلىرىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «بىز ياشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈشى ئۈچۈن ھەرقانداق پىداكارلىقنى قىلىشتىن باش تارتمىدۇق. بىر تەرەپتە، دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى  ئاپپاراتلىرى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ياردەملەرنى قىلغان بولسا،  يەنە بىر تەرەپتىن ۋەخپىلىرىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ ھەر خىل پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردۇق. تۈركەن ۋەخپىمىزمۇ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھەم ئۆز ياشلىرىمىزغا، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ۋە تۈرك – ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سالماقتا»دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:« مەيلى دائېش، مەيلى پ ك ك، مەيلى فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) بولسۇن، بىزنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تارتقۇزۇپ قويىدىغان بىرمۇ يىگىتىمىز، بىرمۇ پەرزەنتىمىز يوق. بىلىپ – بىلمەي بۇ تەشكىلاتلارنىڭ تورىغا چۈشۈپ قالغان، بىز ئالاقىلىشەلمىگەن، قولىدىن تۇتالمىغان ھەر بىر ياشنىڭ ئىزتىراپىنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ھېس قىلماقتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئارقىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە – ئامېرىكا سودا كېڭىشى (تائىك) نىڭ ئامېرىكا سودا – سانائەتچىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا پەقەت ئىقتىساد ۋە سودىدىلا ئەمەس، خەۋپسىزلىكتىن تېررورىزمغىچە، مۇداپىئەدىن سېلىنمىلارغىچە بولغان ناھايىتى كەڭ ساھەدە ئىنتايىن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىش پۇرسەتلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان: «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىككى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىك ۋە 70 يىللىق ئىتتىپاقداشتۇر. بۇ ناھايىتى ئالاھىدە ۋە كۈچلۈك ئاساسلارغا تايانغان ھەمكارلىقىمىز، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خەۋپسىزلىككە تۆھپە قوشتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر