تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى: قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى — دۆلەت دۇماسى سايلىمىنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1708383
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى: قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام توغرىسىدىكى بىر سوئالغا يازما جاۋاب بەردى.

بىلگىچ، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «تۈركىيە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى داۋاملىق قوللايدۇ ۋە قىرىمنىڭ قانۇنسىز قوشۇۋېلىنىشىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇ دائىرىدە 2021 – يىلى 17 – سېنتەبىردىن 19 – سېنتەبىرگىچە قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت دۇماسى سايلىمىنىڭ قىرىمغا مۇناسىۋەتلىك نەتىجىسى تۈركىيە ئۈچۈن ھېچقانداق قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ رۇسىيە قانۇنسىز قوشۇۋالغان قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر