يەنە بەش تېررورچى تەسلىم بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى يەنە بەش تېررورچى قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا تەسلىم بولدى.

1707923
يەنە بەش تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلىقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، پ ك ك سېپىدىن قاچقان بەش تېررورچىنىڭ بۈگۈن خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ 1999  ۋە 2016 – يىللىرى ئارىسىدا تەشكىلاتقا قاتنىشىپ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان تەسلىم بولغان تېررورچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 151 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر