ئەردوغان ئامېرىكادىكى يىغىندا، ئىسلام دۈشمەنلىكى توغرۇلۇق سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ تىنچلىققا تەھدىت سالىۋاتقان بۇزغۇنچىلىق يۈزلىنىشىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1707941
ئەردوغان ئامېرىكادىكى يىغىندا، ئىسلام دۈشمەنلىكى توغرۇلۇق سۆز قىلدى
erdogan abd tasc.jpg
erdogan abd tasc1.jpg
erdogan abd musluman toplumu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نيۇيورك شەھىرىگە يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە-ئامېرىكا مىللىي يېتەكچىلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا مۇمكىن» تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلدى.

ئەردوغان ئىنسانىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كوۋىد-19 دىنمۇ ئەجەللىك ۋە مەخپىي يەنە بىر ۋىرۇسقا قارشىمۇ كۈرەش قىلىۋاتىقانلىقىنى تەكىتلەپ «بۇ ۋىرۇسنىڭ ئىسمى ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋىرۇسىدۇر. بۇ ۋىرۇس يىللاردىن بۇيان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ بۆشۈكى سۈپىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىلگەن دۆلەتلەردە ناھايىتى تېز تارقىلىۋاتىدۇ. ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش بۈگۈنكى كۈندە سىياسەتنى ئەسىر ئالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە دۆلەت سىياسەتلىرىنى بۇرمىلايدىغان، ئىجتىمائىي تىنچلىققا تەھدىت سالىدىغان بىر ۋەيران قىلغۇچ ئېقىمغا ئايلاندى» دېدى.

ئەردوغان ئىددىيە جەھەتتىن دائېش بىلەن ھېچقانداق پەرقى بولمىغان بۇ ئىدىيىۋى تەلۋىلىكنىڭ ئوخشىمىغان جەمئىيەت قاتلاملىرىدا يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، نۇرغۇن دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى، تىلى، ئىسمى ياكى كىيىنىشى سەۋەبىدىن چەتكە قېقىلىشىنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەم ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئارقىلىق ھەم خۇسۇسىي شەكىلدە ئىسلاموفوبىيەگە قارشى كۈرەش قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۇپ مۇنداق دېدى:

«ئىگە بولغان بۇ مول تەجرىبە ئارقىلىق ئۆچمەنلىك جىنايىتى ۋە مەدەنىيەت ئىرقچىلىقىغا قارشى كۈرەشكە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىڭلار ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزمۇ خەلقئارا مۇنبەرلەردە ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە چىدىماسلىققا قارشى كۈرەشتە باشلامچىلىق رولى ئوينايمىز. تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئىنتايىن ئىجابىي ئۈنۈمى بولدى. بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز قۇرغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تۈرك مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئامېرىكىلىقلارغا تونۇتۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ئالاھىدە مەدھىيە بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. ئۇچرىشىش ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر