شىمالىي ئىراقتا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيەنىڭ ئاتاك تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە – چاقماق زەربە بېرىش ھەرىكىتى رايونىدا پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.
1707981
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «قەھرىمان تۈرك ئەسكەرلىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. پەنچە – چاقماق زەربە بېرىش ھەرىكىتى رايونىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى ئاتاك تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.