رۇسىيە ئەردوغاننىڭ موسكۋا زىيارىتىگە تەييارلىق قىلماقتا

رۇسىيە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1708169
رۇسىيە ئەردوغاننىڭ موسكۋا زىيارىتىگە تەييارلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇسىيە زىيارىتىگە تەييارلىق پۈتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پېسكوۋ مۇخبىرلارغا ئەردوغاننىڭ پىلانلانغان رۇسىيە زىيارىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

پېسكوۋ ئەردوغاننىڭ رۇسىيەدىكى خىزمەت زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ زىيارەتتە ئۆزئارا مۇناسىۋەت باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئەتراپلىق كۈنتەرتىپلەر بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتلەر كۆپ تەرەپلىمىلىكتۇر ۋە پىرېزىدېنتلىرىمىزنىڭ بۇ دائىرىدە ھەمىشە دەيدىغان سۆزلىرى بولىدۇ» دېدى.

پېسكوۋ ئىككى رەھبەرنىڭ (يەنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن) نىڭ يىغىن جەريانىدا سۈرىيە ۋە باشقا رايون مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر