تۈركىيە جەنۇبىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئورتاق باياننامەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا جەنۇبىي ياۋروپا ئەللىرى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياننامەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 9 جەنۇبىي ياۋروپا دۆلىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان ئورتاق باياننامە ھەققىدە بەرگەن يازما جاۋابىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ (فىرانسىيە، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى، كىرودىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، مالتا، پورتۇگالىيە، سىلوۋېنيە، گىرېتسىيە قاتارلىق) 9 جەنۇبىي ياۋروپا دۆلىتىنىڭ، تۈنۈگۈن گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنادا چاقىرىلغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياننامەسىنىڭ، شەرقىي ئاقدېڭىز، قىبرىس ۋە تەرتىپسىز كۆچمەنلىك مەسىلىسىدىكى بۆلەكلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا بىر تەرەپلىمە قاراش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە رېئاللىقتىن يىراق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر باياننامەنى ئىمزالىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنى ئىتتىپاقلىق نامى ئاستىدا گىرېتسىيە بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى قارىغۇلارچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئۆز ئالدىغىلا ھەرىكەت قىلىش پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.