سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1707570
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ تېررورىزم ۋە تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ دائىرىدە، سۈرىيەدە «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 7 تېررورچىنىڭ، ئالاھىدە ئەترەتلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «رايوندا تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۆز لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر