جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 21 – سېنتەبىر كۈنى نىيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ.

1707566
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا سۆزلەيدىغان نۇتىقىدا، يەنە بىر قېتىم دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىكلەر ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىشى كۈتۈلمەكتە.

تۈركىيە، مۇساپىرلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ مەسىلىدە دۇنيانىڭ تەرەققىي تاپقان ئەللىرى تۈركىيەنى قوللىمايۋاتىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان كىرىزىس، يېڭى خىرىسلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

دۇنيادىكى كۆچمەنلىك دولقۇنلىرىنى ئالدىمىزدىكى يىللاردا باشقا بىر ئامىلنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە. يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى كىرىزىسى چوڭقۇرلاشماقتا. مىليونلارچە ئىنساننىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە پاكىز سۇغا ئېرىشىشى قىيىنلاشماقتا. بۇ بولسا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولماقتا.

دۇنيا رەھبەرلىرى مانا مۇشۇنداق بىر كۈنتەرتىپ بويىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، دۈشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئۇدۇلىغا سېلىنغان 36 قەۋەتلىك تۈرك ئۆيىنىڭ ئېچىلىشىغىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر