چاۋۇشئوغلۇ ب د ت باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن كۆرۈشۈپ، قىبرىس، ئافغانىستان، لىۋىيە، سۈرىيە ۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 21 – سېنتەبىر كۈنى باشلىنىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىگە يېتىپ بارغان چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىمىزدا، قىبرىس، ئافغانىستان، لىۋىيە، سۈرىيە ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىلىرىگە دائىر قاراشلىرىمىزنى ئورتاقلاشتۇق.»
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 76 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ شاھىد بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى، ھەمدە ۋەزىپە ئۆتەشكە يېڭى باشلىغان شاھىدنى تەبرىكلىدى.
سىرىلانكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گامىنى لاكسمان پېيرىس بىلەنمۇ كۆرۈشكەن چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، «جۇغراپىيە نۇقتىسىدىن سىرىلانكا بىلەن تۈركىيە يىراق بولۇشىغا قارىماي، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر» تەرىقىسىدە سىگنال بەردى.