تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك غا زەربە بەردى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1707145
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك غا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «قەھرىمان ئارمىيەمىز تېررورچىلارنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. گارا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز قەتئىي داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر