تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا كىلىمات دىيالوگى ئۆتكۈزۈلدى

مۇھىت ۋە شەھەرچىلىك مىنىستىرى مۇرات كۇرۇم بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم مۇئاۋىن باشلىقى فرانس تىممېرمانسنىڭ كىلىمات سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1707197
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا كىلىمات دىيالوگى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھىت ۋە شەھەرچىلىك مىنىستىرى مۇرات كۇرۇم بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم مۇئاۋىن باشلىقى فرانس تىممېرمانس (Frans Timmermans)، «كىلىمات» تېمىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك دىيالوگ رامكىسىدا، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولدى.

ياۋروپا كومىتېتى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، مىنىستىر كۇرۇم بىلەن كومىتېت ئەزاسى تىممېرمانسنىڭ كاربون باھاسىنى بېكىتىش سىياسەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئۇچرىشىشتا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە بىئولوگىيەلىك خىلمۇ خىللىقنىڭ يوقىلىشىغا قارشى كۈرەشتە، تەبىئەتنى ئاساس قىلغان ھەل قىلىش چارىلىرىدىن پايدىلىنىشمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مىنىستىر مۇرات كۇرۇمنىڭ: «تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كىلىمات دىيالوگىنى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىدىغان ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاتنىشىش مۇساپىسىنى قوللايدىغان چوڭ پۇرسەت دەپ قارايمەن. تۈركىيە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشنى سىياسەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مەسىلە دەپ قاراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات مەسىلىسى دەپمۇ قارايدۇ.  شۇڭا، تۈركىيە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تىرىشچانلىقلىرىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فرانس تىممېرمانس بۇ يىل (2021) ياز، بولۇپمۇ ئاقدېڭىز ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئېغىر ئاپەتلەرنىڭ ئىلمىي سىنارىيەلەرنىڭ راستلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات مەسىلىسىدە، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ۋە ئېنىق ۋەدە بېرىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇچرىشىشلارنىڭ تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتىتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تېخنىكىلىق سەۋىيەدە داۋاملىشىدىغانلىقى، مىنىستىرلارنىڭ 2022-يىلىنىڭ بېشىدا ۋەزىيەتكە قاراپ چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر