تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «يولۋاس پەنچىسى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1706789
تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <يولۋاس پەنچىسى> رايونىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى يەنە ئىككى تېررورچى ئەسكەرلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۇنجەلى ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى خادىملىرى «ئەرەن – 7 مەرجان مۇنزۇر ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە ئوۋاجىك ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تاغلىق رايوندا چارلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان 10 پاناھلىنىش ئورنىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر