تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە تۈنۈگۈن سومالىنىڭ ۋاداجىر رايونىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1706372
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «تۈنۈگۈن پايتەخت مۇگادىشۇنىڭ ۋاداجىر رايونىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 10 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق» دېيىلدى.

باياناتتا، بۇ قەبىھ تېرورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. دوست ۋە قېرىنداش سومالى ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە تەزىيە بتېلەكلىرى يەتكۈزۈلدى. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە يارىلانغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەندى.

باياناتتا: «تۈركىيە تېرورلۇققا قارشى كۈرىشىدە سومالىنىڭ يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ». دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر