ئەردوغان: ئۇپۇقتا بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيە مەنزىرىسى كۆرۈندى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىشچىلار بىلەن ئۇچرىشىش» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى.

1706131
ئەردوغان: ئۇپۇقتا بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيە مەنزىرىسى كۆرۈندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىنقى مەزگىلدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، «ئۇپۇقتا بۈيۈك ۋە قۇدرەتلك تۈركىيە مەنزىرىسى كۆرۈندى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىشچىلار بىلەن ئۇچرىشىش» پىروگراممىسىغا قاتناشتى ۋە ئۇ يەردىكى سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى 19 يىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار سانىنى 9 مىليون 500 مىڭ ئادەم كۆپەيتكەنلىكلىرىنى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «مىللىي كىرىمىمىز تۈرك لىراسى نۇقتىسىدىن 11 ھەسسە ئاشتى، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى 16 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى. بىز دۆلىتىمىزگە قىلغان خىزمەت ۋە مۇلازىمەتلىرىمىز ئارقىلىق پاراۋانلىق سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتۇق» دېدى.

ئەردوغان: «تۈركىيە تەرەققىي قىلغانسېرى ۋە بېيىغانسېرى ھەر بىر پۇقرانىڭ پاراۋانلىق دەرىجىسى ئۆسىدۇ. بىز <بىز دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى 10 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىمىز> دېگىنىمىزدە، بىز بۇنى بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن دەيمىز. ھېچكىم بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغا ھەممە ئارزۇ قىلىدىغان بىر دۆلەت قالدۇرۇپ كېتىدىغانلىقىمىزدىن گۇمانلانماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر