ئەردوغان «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا مۇمكىن» ناملىق كىتابىنى ياشلار ئۈچۈن ئىمزالىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ ئەردوغان تۈنۈگۈن قاھرامانماراشتىكى زىيارىتىدىن كېيىن «يەتتە گۈزەل ئادەم مۇزېيى» دا، «ياشلار بىلەن شېئىر كېچىلىكى» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

1705644
ئەردوغان «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا مۇمكىن» ناملىق كىتابىنى ياشلار ئۈچۈن ئىمزالىدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن قاھرامانماراشتىكى زىيارىتىدىن كېيىن «يەتتە گۈزەل ئادەم مۇزېيى» دا، «ياشلار بىلەن شېئىر كېچىلىكى» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پىروگراممىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقىدا، ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى گۈزەل بىر جايدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ماراش؛ سۆزلىرىنى ئەدەبىيات بىلەن ، شېئىر بىلەن ۋە خەلق ناخشىلىرى بىلەن سۆزلەيدىغان بىر شەھەردۇر. شەك-شۈبھىسىزكى، دۇنياغا ۋە ئىنسانىيەتكە دەيدىغان سۆزى بار.  ئىنسان ئۈچۈن ئەدەبىيات، بولۇپمۇ شېئىر ئەڭ توغرا ئۇسۇلدۇر. شېئىرنىڭ لۇغەت مەنىسى، بىر نەرسىنىڭ ئىنچىكىلىكلىرىنى چۈشەنگەن ئاساستا بىلىش، ھېس قىلىش ئارقىلىق بىلىش ۋە ئاھاڭدار شەكىلدە ئىپادىلەشتۇر. تەسادىپىي كەينى-كەينىدىن كەلگەن ياكى تىزىپ قويۇلغان سۆزلەردىن شېئىر بولمايدۇ. قەلبىڭلارنى، يۈرىكىڭلارنى ۋە روھىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇسىلەر، ئەمگەك سىڭدۈرۈسىلەر، شۇنداق بولغاندا شېئىر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دېدى،
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى ئىچىدە شېئىرلارنىڭ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ياشلارغا نەسىھەت قىلىپ: «روھىڭلارنى ئىنسانىيەتكە ۋە دۇنياغا بولغان ھېسسىياتىڭلارنى ئۇرغۇتقان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى قەلبىڭلارنىڭ ئەڭ گۈزەل جايىدا مۇھاپىزەت قىلىڭلار» دېدى.
بىر ياشنىڭ «سىزمۇ شېئىر يازامسىز؟ ئايالىڭىز ئەمىنە ئەردوغانغا شېئىر يېزىپ باقتىڭىزمۇ ياكى ئوقۇدىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىغا  جاۋاب بېرىپ: «ناھايىتى قىيىن بىر سوئال سورىدىڭىز، ئەپسۇسكى، شېئىر يازمايمەن، ئەمما شېئىر ئوقۇيمەن ۋە  ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن. ئايالىم بىلەن بىزنىڭ شېئىرغا ئوخشاشلا ھاياتىمىز بار»  دېدى.
 جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پىروگراممىدىن كېيىن «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا مۇمكىن» ناملىق كىتابىنى ئىمزالاپ ياشلارغا  تەقدىم قىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر