ئەردوغان ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 19 – سېنتەبىردىن 22 – سېنتەبىرگىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ.

1705280
ئەردوغان ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش مەقسىتىدە 19 – سېنتەبىردىن 22 – سېنتەبىرگىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ نيۇيوركتىكى ب د ت مەركىزىي بىناسىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلىشى، يىغىن دائىرىسىدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يەنە مانخاتتاندىكى قۇرۇلۇشى پۈتكەن تۈرك ئۆيىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىشىمۇ كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر