تۈركىيە - ئەزەربەيجان ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان لاچىن رايونىدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى داۋام قىلماقتا.

1705309
تۈركىيە - ئەزەربەيجان ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئالاھىدە قىسىملارنىڭ ھەربىي مانېۋىرى دائىرىسىدە مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك شارائىتتا چارلاش ئېلىپ بېرىش، پىستىرما قۇرۇش، رايوندىكى بۇزغۇنچىلىق سالغۇچى گۇرۇپپىلارنى ئېنىقلاپ يوقىتىش قاتارلىق ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تەسۋىرىي دۈشمەنگە يوشۇرۇنچە يېقىنلىشىشتەك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، قىسىملارنىڭ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر