شەنتوپ ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى كۇرز بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز (Sebastian Kurz) بىلەن كۆرۈشتى.

1705094
شەنتوپ ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى كۇرز بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستافا شەنتوپ ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا 5-قېتىملىق دۇنيا پارلامېنت باشلىقلىرى كونفېرانسىنىڭ يېپىلىشىدىن كېيىن، باش مىنىستىر سېباستىيان كۇرزنىڭ تاماق زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدى.

ئۇ زىياپەتتە، سېباستىيان كۇرز بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى.

مۇستافا شەنتوپنىڭ كونفېرانس مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر