ئەردوغان: تۈركىيەن سۇ ئېلېكتر ئىقتىدارى جەھەتتە ئالدىنقى 10 دۆلەت قاتارىغا كىردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۇ ئېلېكتر ئىقتىدارى جەھەتتە ئالدىنقى 10 دۆلەت قاتارىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1704594
ئەردوغان: تۈركىيەن سۇ ئېلېكتر ئىقتىدارى جەھەتتە ئالدىنقى 10 دۆلەت قاتارىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا تۈركىيەنىڭ سۇ ئېلېكتر ئىقتىدارى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: « ھاكىمىيىتىمىز مەزگىلىدە بىز قۇرغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى بىلەن تۈركىيەنى بۇ ساھەدە (ئاللاھقا شۈكرى) ئىنتايىن ئوخشىمايدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سېلىنمىلارنى ئاستىلاتماستىن داۋاملاشتۇرىمىز، ۋەتىنىمىزنى ئېنېرگىيەدە تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز. بىزگە ئىشىنىڭلار،  تۈركىيە سۇ ئېلېكتر ئىقتىدارى جەھەتتە ئالدىنقى 10 دۆلەتنىڭ ئىچىگە كىردى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سىغىمى 31 مىڭ 436 مېگاۋاتقا يېتىدىغان 735 سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئومۇمىي توك ئىشلەپچىقىرىشتا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %20.1  ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر