مۇستافا شەنتوپ تۈرك جامائىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ پارلامېنتلار ئارا بىرلىك(PAB)  ۋە 5 - نۆۋەتلىك خەلقئارا پارلامېنت رەئىسلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاۋسترىيەگە يېتىپ باردى.

1704387
مۇستافا شەنتوپ تۈرك جامائىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستافا شەنتوپ ئاۋسترىيە زىيارىتى جەرياندا پايتەخت ۋىيانادا تۈرك جامائىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

مۇستافا شەنتوپ ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ ۋيانا ئەلچىخانىسىدا تەخمىنەن بىر يىل ئىلگىرى ۋىيانادا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغان بولىشىغا قارىماي، بىر ساقچى مەمۇرىنى قۇتقۇزۇۋالغان رەجەپ تاييىپ گۈلتەكىن ۋە مىكائىل ئۆزەن بىلەن كۆرۈشتى. مەزكۇر تېرورلۇق ھۇجۇمىغا دائىر ئەسلىمىلەرنى  سۆھبەتلەشتى. ئاندىن ئۇ يەنە ۋيېنادىكى تۈرك جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ۋەتەنداشلار بىلەن ئۇزۇنغىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

مۇستافا شەنتوپ ب د ت نىڭ ۋيېنادىكى ئىشخانىسىدا تۇرۇشلۇق تۈركىيەنىڭ دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى ئەھمەت مۇختار گۈن تەرىپىدىن بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى.

مۇستافا شەنتوپ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بىز 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋسترىيەگە كەلدۇق ۋە تۈركىيەنىڭ ۋىيانا ئەلچىخانىسىنىڭ تۇرالغۇسىدا ئاۋسترىيەدىكى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتۈق» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر