ئىككىنچى قېتىملىق مىسىر - تۈركىيە سۆھبىتى پايتەخت ئەنقەرەدە باشلاندى

2013 – يىلى مىسىردا يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن مۇناسىۋىتى يېرىكلىشىپ كەتكەن ئەنقەرە بىلەن قاھىرە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قايتىدىن باشلاندى.

1704069
ئىككىنچى قېتىملىق مىسىر - تۈركىيە  سۆھبىتى پايتەخت ئەنقەرەدە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماي ئېيىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۈنال باشچىلىقىدىكى تۈرك ھەيئىتىنىڭ مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەگە قاراتقان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىدىن كېيىن، بۈگۈن مىسىر ھەيئىتى پايتەخت ئەنقەرەگە كەلدى.

مىسىر مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەمدى سەنەد لوزا رىياسەتچىلىكىدىكى ھەيئەت بىلەن تۈركىيە تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلاندى.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىنكى قەدەم، ئۆزئارا باش ئەلچىلەرنى تەيىنلەش بولىدۇ. مۇناسىۋەتلەر نورماللاشسا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر دېڭىز سالاھىيەت كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر 2013 – يىلىدىن بۇيان ئۆزئارا دىپلوماتىك ۋەكىل تۇرغۇزۇش دەرىجىسىدە داۋاملاشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە.

بۇ مۇساپىدە ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قىسقا ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلدى. مسىىرنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ۋە تۈركىيەنىڭ قاھىرەدىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئىسكەندەرىييەدىكى كونسۇلخانىسى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر