تۈركىيە گىۋىنىيەدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە گۋىنىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە پىرېزىدېنت ئالفا كوندېنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى.

1702938
تۈركىيە گىۋىنىيەدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «بىز گىۋىنىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ۋە پىرېزىدېنت ئالفا كوندېنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئەيىبلەيمىز ۋە ئۆزگىرىشلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

«تۈركىيە سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەتلەرنى قانۇنسىز ئالماشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن نۇقتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، دوست ۋە قېرىنداش گىۋىنىيەدە ئاساسىي قانۇنلۇق تەرتىپىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ۋە پىرېزىدېنت كوندېنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنىڭ كۈچلۈك ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە بۇ قىيىن ۋە سەزگۈر مۇساپىدە دوست ۋە قېرىنداش گىۋىنىيەنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ.»

گىۋىنىيە پايتەختى كوناكرىدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى سېكۇتورېيا بىلەن مەمۇرىي بىنالار جايلاشقان كالۇم رايونىدىن قورال ئاۋازلىرى ئاڭلانغانىدى.

ۋەقە يۈز بېرىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، ئالاھىدە قىسىملار قوماندانى پولكوۋنىك مامادى دۇمبويانىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتى ئورۇن ئالغان بىر سىن كۆرۈنۈش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا پىرېزىدېنت كوندېنىڭ ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەرمۇ تارقالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر