ئوكتاي «سىۋاس قۇرۇلتىيى» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي «سىۋاس قۇرۇلتىيى» نىڭ 102 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
1702451

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، «سىۋاس قۇرۇلتىيى» ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: ««جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئۇلى قويۇلغان مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ ئۇل تاشلىرىدىن بىرى بولغان <سىۋاس قۇرۇلتىيى> نىڭ 102 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى چەكسىز ھۆرمەت، ئىپتىخارلىق ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن.»