ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك مەنسۇبى 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزمغا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتقان قوراللىق قىسىملىرىمىز، ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى، بۇ دائىرىدە گارا رايونىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك مەنسۇبى 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، جۈملىدىن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش ئاياللار ئىشلىرى مەسئۇللىرى، ئاكادېمىك پائالىيەتلەر مەسئۇلى، سۇيىقەست ئىشلىرى مەسئۇل ۋە تاشقى ئىشلار مەسئۇلى بىر تەرەپ قىلىندى، تېررورچىلارنى ئۇۋىلىرىدا تېپىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»