گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 13 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1701884
گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى، ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 2 كېمىدىكى 13 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر