سۈرىيەدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى

سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  مەنسۇبى 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1701362
سۈرىيەدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن ھۇجۇم قىلغان تېررورچىلارغا ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلدى، جۈملىدىن، بۇ تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كەم دېگەندە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  مەنسۇبى 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر