جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەننەھيان بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇ زەبى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1699949
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەننەھيان بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەر تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رەسمىي ئاگېنتلىقى (WAM) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەردوغان بىلەن ئەننەھيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى دوست ئىككى خەلق ھەم دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە كۈچەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر