ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – چاقماق» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1698896
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «پەنجە – چاقماق» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھەققىدە ئاخبارات توپلاۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك مەنسۇبى 3 تېررورچى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى بىلەن تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ئورتاق ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر