مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ  «باغداد ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك كونفېرانسى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىراققا كەتتى.

1698912
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن بىر ھەيئەت، «باغداد ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك كونفېرانسى» غا قاتنىشىش مەقسىتىدە ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادقا يېتىپ بارغان.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ۋە كۇۋەيت باش مىنىستىرى ساباھ ئەلخەلىل ئەسساباھمۇ  «باغداد ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك كونفېرانسى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن باغدادقا كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر