تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە كەلدى

ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغان تۈركىيە ئەسكەرلىرى ۋەتەنگە قايتىشقا باشلىدى.

1697709
تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، كابۇل ھامىد كارزائى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى باشلاندى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت تىرانسپورت ئايروپىلانى ئارقىلىق كابۇلدىن پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادقا يېتىپ بارغان تۈركىيە ئەسكەرلىرى، كېيىنچە بۇ يەردىن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ «TK 6889 » ناملىق ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىقتى.

345 يولۇچى ئولتۇرغان ئايروپىلان، ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت  11.45 دە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار، ئافغانىستاندا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىلغان شان – شەرەپلىك تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملاشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.

تۈركىيە، ئافغانىستاندىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم كۈچى (ISAF)  دە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلىرىنى، 2002-يىلى، ئىيۇن ئېيىدا بۇ دۆلەتكە ئەۋەتكەنىدى.

1400 ئەسكەردىن تەشكىل تاپقان تۈركىيە قىسمى ئىچىدە، كابۇل ئايرودۇرۇمى ئىشلىتىپ، قوغداۋاتقان قۇرۇقلۇق ئارمىيە خادىملىرىمۇ بار ئىىدى.

تالىبان،  15 – ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى، پايتەخت كابۇلنى قورشاۋ ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى چەت ئەللىك ئەسكەرلەر، دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلاردىكى خىزمەتچى - خادىملار ۋە پۇقرالارنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىشى تېزلەشكەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر