جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇسۇلمانلارغا چاقىرىق ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم ئۆزلىرىنىڭ ھۇزۇرى ۋە تىنچلىقى ھەمدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كېلەچىكى نامىدىن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

1696951
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇسۇلمانلارغا چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 4 - نۆۋەتلىك ياشلار مۇنبىرى ئومۇمىي كېڭىشى» يىغىنىغا يوللىغان سىنلىق باياناتىدا، دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىنى داۋاملىق مەشغۇل قىلىپ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ۋە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى كېسەللىكلىرىنىڭ، ھەممە ئارزۇ قىلىۋاتقان ھەم تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ھۇزۇر مۇھىتىنىڭ تولۇق بەرپا قىلىنىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنىڭ، تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئەڭ كۆپ ئىسلام دۇنياسىغا چوڭقۇر  دەرد – ئەلەملىك ئىزلارنى قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « مۇسۇلمانلار، بىر تەرەپتىن، سۈرىيەدىن تارتىپ ئافغانىستانغا قەدەر كەڭ جۇغراپىيەدە، توقۇنۇشلار، كۆچمەنلىك، يوقسۇللۇق ۋە كېسەللىك قاتارلىق قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىدە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرىقچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.»

بىر تەرەپتە ئاچارچىلىق، ئۇرۇش ۋە يوقسۇللۇق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتە، باياشاتلىق ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بۇ ئادالەتسىز دۇنيا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ  كۆپ داۋاملىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مۇسۇلمانلار ھەم ئۆزلىرىنىڭ ھۇزۇرى ۋە تىنچلىقى ھەمدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كېلەچىكى نامىدىن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى، ئۆزلىرى شاھىت بولۇۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەر ئالدىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشلىرى لازىم، مۇسۇلمان كىشىگە يارىشىدىغىنى، ئەقىل – پاراسەتكە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاھانگىرلارنىڭ بىزنى چۈشۈرمەكچى بولغان تۇزاقلارغا چۈشۈپ قالماسلىقىمىز كېرەك./ ... ھەم ئۆز نامىمىزدىن ھەم مەزلۇملار نامىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەق ۋە ئادالەت كۈرىشىمىزدە تېررورىزمغا چېتىلىپ قالماسلىقىمىز، زوراۋانلىققا يول قويماسلىقىمىز، قانۇن – بەلگىلىمىلەر ھەم پىرىنسىپلاردىن ھەرگىز چەتنەپ كەتمەسلىكىمىز لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر